بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتا 'ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھازىر شىنجاڭغا بارغان ئامېرىكا پۇقرالىىرنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسۈتۈلدى.
خەۋەردە ئىزاھات بېرىلىشىچە، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان خەلق ئىدى. خىتاينىڭ 'خەلق گېزىتى' ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، بۇ رايوندا 600 دىن ئارتۇق خىتاي يىڭنە ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، دېگەن سىرلىق ۋەقلەرنى ۋە بۇنىڭغا نارزاى بولغان خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدە توپلىنىپ كەڭ - كۆلەملىك نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىۋاتىدۇ.
ھازىر ۋەزىيەتنى كونترول قىلالمايۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمىچىدە 5 - ئىيول كۈنى چوڭ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنى سوتلاشقا باشلىدى.
ئامېرىكا بۈگۈن خىتايدىكى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە چىقارغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا يەنە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى 'مۇشۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلىغا ساياھەت قىلغىلى بېرىشتا بىخەتەرلىكىنى ئويلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە ساياھەت قىلغىلى بارغانلار ' دەپ تەكىتلىدى.