ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى كېچىكتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كېچىكتۈرۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى 9 نەپەر سوتچى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش يولىدىكى دىپلوماتىك خىزمىتىگە توسالغۇ بولۇشنى خالىمىغانلىقىنى، سوتچىلارنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
نۆۋەتتە گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇر 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. لېكىن بەزى ئۇيغۇرلار پالاۋغا بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكلەرتىشىچە،، ئەگەر 10 - ئايغا قەدەر گۈەنتانامودىكى قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئالىي سوتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشىغا ھاجەت قالمايدىكەن.