خىلارى كلىنتون ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلدى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىلارى كلىنتون خانىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە 1- دېكابىر كۈنى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلدى. خىلارى كلىنتون 2-دېكابىر كۈنى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا بىلەن كۆرۈشتى.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، ئۇ، قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك تەرەققىيات شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي مەركىزىي مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرغان.

پرېزىدېنت ئوتۇنبايېۋا قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ جىددىي ۋە ئېغىر كۈنلىرىدە ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنى قوللىغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. كلىنتون خانىم يەنە بىشكەك يېنىدىكى ماناسقا جايلاشقان ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلار يوقلىدى.

كلىنتون خانىم بىشكەك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، تاشكەنتنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن ئۇچرىشىپ، رايوندىكى خەۋپسىزلىك، ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ۋە ئۇزارا-ياردەم مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىلارى كلىنتون خانىم ئىسلام كېرىموف بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەقەللىي ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

كلىنتون خانىم تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىلمىي ۋە پەن-تېخنىكا ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىشكە ئائىت بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.

ئىسلام كېرىموف ئۆز سۆزىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئالاقىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىن مەنپەئەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىسلام كېرىموف 2005-يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تاشكەنتنى تەنقىد قىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سوغۇقلاشتۇرۇپ، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئالاقىلىرىنى كۈچەيتكەن ھەتتا رۇسىيە بىلەن ھەربىي كېلىشىملەرنى تۈزگەن ئىدى. ئەمما، تەھلىلچىلەر يېقىندىن بۇيان تاشكەنتنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە قايتىدىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى يېزىشماقتا.