ئامېرىكا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىن مەڭگۈ چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىن مەڭگۈ چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى ئاۋسترالىيىدە ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-11-08
Share

كلىنتون خانىم مۇنداق دېدى: "ئامېرىكا 100 يىلدىن بېرى ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. بىز بۇرۇنمۇ مۇشۇ يەردە بولغان، ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ مۇشۇ يەردە بولىمىز. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولسا، ئاتلانتىك ۋە تىنچ ئوكيان دۆلىتى. بىزنىڭ مەقسەت - مۇددىئالىرىمىزغا نىسبەتەن پەيدا بولىدىغان ھەرقانداق سوئال ۋە شۈبھىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوباما ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 20 ئاي جەريانىدا ھەل قىلىپ بولغان دەپ قارايمەن."
 
ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي شەرقى دېڭىز ۋە باشقا خەلقئارالىق سۇ تەۋەسىدىكى ھەربىي پاراخوتلىرىنى يۆتكىمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

كلىنتون خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىسنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سۆھبىتىدىن كېيىن ۋە بۇ نۆۋەت ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقتى.


 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت