كلىنتون خانىم مۇنداق دېدى: "ئامېرىكا 100 يىلدىن بېرى ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. بىز بۇرۇنمۇ مۇشۇ يەردە بولغان، ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ مۇشۇ يەردە بولىمىز. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولسا، ئاتلانتىك ۋە تىنچ ئوكيان دۆلىتى. بىزنىڭ مەقسەت - مۇددىئالىرىمىزغا نىسبەتەن پەيدا بولىدىغان ھەرقانداق سوئال ۋە شۈبھىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوباما ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 20 ئاي جەريانىدا ھەل قىلىپ بولغان دەپ قارايمەن."
ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي شەرقى دېڭىز ۋە باشقا خەلقئارالىق سۇ تەۋەسىدىكى ھەربىي پاراخوتلىرىنى يۆتكىمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
كلىنتون خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىسنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سۆھبىتىدىن كېيىن ۋە بۇ نۆۋەت ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقتى.