ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان 4 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىرغا ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمى بايانات بېرىپ، "جورجى ۋاشىنگتون " ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ 28-نويابىردىن 1-دېكابىرغىچە سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى بۇ قېتىملىق مانىۋېر ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى شىمالى كورىيىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئامېرىكا سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتنىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.
بۇ يىل 5- ئايدا جەنۇبىي كورىيىنىڭ تيەنئەن ناملىق ھەربىي پاراخوتى شىمالى كورىيە تەرىپىدىن دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەندىن بۇيان، جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئامېرىكا بىر يۈرۈش ھەربىي مانېۋىرلارنى ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى سەۋەبىدىن بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرى جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بىر قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ياپون دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى مىڭبوغا تېلېفون قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ھەم كورىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ " جەنۇبىي كورىيە بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى " نى بىلدۈرگەن.