ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نىمىتىس بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسى خوڭكوڭغا كىردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.02.17
2010.02.17
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئاۋىئاماتكىنىڭ قوماندانى ئادېمىرال جوھن مىللېر 'خوڭكوڭ تىنچ ئوكياندىكى بىر ئاۋات شەھەر، بىزنىڭ 5 مىڭ جەڭچىمىز بۇ شەھەردە دەم ئېلىش جەريانىدا مەھەللىلەر خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ماكاۋ، گۇاڭجۇ، شېنجېنلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ، ئۇلارنى بىزنىڭ بۇ ئاۋىئاماتكىمىزنىڭ تىنچ ئوكياندا ئويناۋاتقان رولى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىدۇ، بۇ، خىتاي ھەدەپ كۈچلىنىۋاتقاندا، بۇ رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك' دەپ جاكارلىدى.
بۇ ئاۋىئاماتكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 6 نەپەر خىتاي ئەسكەردىن ماشىنىسازلىق تېخنىكى ليۇ يۇڭشاڭ ۋە ئايال ئەسكەر جاڭ يەنلەر ئامېرىكا ئاۋازى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئاۋىئاماتكىدا بىر ئايدىن بۇيان تىنچ ئوكياندا قىلغان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى.