ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا بۇ كېلىشىمنى «ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئالەم قاتنىشىش ھەمكارلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ئالدىنقى سەپ» دەپ شەرھلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، نام شەرىپىنى مەخپىي تۇتقان بىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خادىمى مەزكۇر رادار ۋە تېلېسكوپلارنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئاتقان راكېتا قاتارلىقلارنى كۆزىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي سالمىقىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيانقى مۇھىم قارارلىرىدىن بىرى.
ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ھەربىي بازا ئېچىشىغا قوشۇلغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلا مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىممۇ سەيشەنبە كۈنى جەنۇبى ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىن قەتئىي چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، بىز بۇ يەرگە تۇرغىلى كەلدۇق.