گەرى لوك ئۆتكەن ئايدا تىبەتلەردە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى بىر قىسىم مۇناستىرلاردا زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن ئۆتكەن ئايدا سىچۈەننىڭ ئابېي رايونىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشتۇم. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تىبەتلەرگە قويۇلغان ھەر خىل چەكلىمىلەرنى، تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان تىبەت سىياسىتىنى قايتا تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى تىبەتلەر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۆزىنى كۆيدۈرۈرۈۋالغان تىبەتلەر سانى 60 تىن ئاشقان.