ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى نەنسىي پېلوسى ھۆكۈمەت بىلەن مەجلىس ئارىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىدە زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاق ساراي باياناتچىسى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۆھبەتتە خۇشاللىنارلىق نەتىجە ھاسىل قىلغانلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە رازى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەگەردە مەزكۇر لايىھە تەستىقلانسا، ئامېرىكىنىڭ پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىدا ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.