مەلۇم بولۇشىچە ئاپتوبۇستىكى مۇسۇلمانلارنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ خاتا تونۇپ قالغان بىر توپ بۇددا راھىبلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى بۇ مۇسۇلمانلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇلارنى ئاپتوبۇستىن تارتىپ چىقىرىپ توپلىشىپ ئۇرغان. ۋەقەدە 10 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، شۇندىن كېيىن بېرما ۋەزىيىتى بىر قەدەر جىددىيلەشكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيا نۇلاند جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: بىز 10 نەپەر مۇسۇلمان تاۋاپچىلارنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئەندىشە قىلدۇق ھەمدە بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئېچىندۇق.
ئۇ يەنە ھۆكۈمەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت دائىرىلىرىنى تىنچلىق ئورنىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپنى ھەقىقىي سۈلھى تۈزۈشكە چاقىردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بېرمىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي دۆلەت نوپۇسىنىڭ 4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان مۇسۇلمانلار توپى ئىكەن.