ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارك تونېر سۆزىدە «ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى بۇنى چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئۇچۇر دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىن خىتاي پۇقرالىرىمۇ پايدىنىلىنىۋاتقان بولسا بىز بۇنى ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز. بىزچە بۇ باشقا ئەلچىلىكلەرگىمۇ ئۆرنەك بولۇشى كېرەك» دېدى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ باياناتى ئەسلىدە خىتاينىڭ مۇھىت قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ شياۋچىڭنىڭ سۆزىگە جاۋابەن قىلىنغان. چۈنكى ۋۇ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىر يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئالماي تۇرۇپ «بەزى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ھاۋانىڭ پاكىزلىق دەرىجىسىگە ئائىت سانلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، خەلقئارادىكى ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار پەقەت بىر قانچە ئورۇندىن ئالغان ئۆرنەكلەرگە ئاساسەن ئېلان قىلغان بۇ سانلىق ئۇچۇرلار بېيجىڭنىڭ ئومۇمىي ھاۋا سۈپىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى بېيجىڭغا ئوخشاش سانائەتلەشكەن شەھەرلەرنىڭ ھاۋاسىغا ماس كەلمەيدۇ» دەپ شىكايەت قىلغان ئىدى.
بىر كۈندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىڭمۇ «چەتئەل ئەلچىلىكلىرى ھاۋا سۈپىتىنى ئۆز دېپلوماتلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەكشۈرسە بولىدۇ، ئەمما ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلماسلىقى كېرەك ئىدى» دېدى.
مارك تونېر سۆزىدە ئەسكەرتىپ :«بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئامېرىكا بۇ شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ ئېلان قىلىشنى توختاتمايدۇ» دېدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى 2008-يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭنىڭ شۇ كۈنلۈك ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ، ئۆز تور بېتى ۋە تىۋىتتىر بېتىدە ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ شاڭخەي ۋە گۇئاڭجۇ شەھەرلىرىدىكى كونسۇلخانىلىرى قوشۇلغان ئىدى. ھازىر تىۋىتتىردىكى «بېيجىڭ ھاۋاسى» دېگەن بەتنىڭلا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار.
خىتاي دائىرىلىرى ھاۋا سۈپىتىنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا «ناچار» ۋە ھەتتا «خەتەرلىك» دەپ باھالىنىشىدىن قاتتىق راھەتسىز بولۇپ كەلمەكتە.
