ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېئوف مورېل پىلاننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بومبا قالقىنى ئىش پىلانىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئىراننىڭ ياۋرۇپاغا تەھدىت ئېلىپ كەلگىدەك باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسىغا ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ مەلۇم بولغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
بۇ پىلان سابىق پرېزىدېنت بۇش مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىغا قارشى چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە پولونىيىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقىنى سېستىمىسى ئورنىتىلماقچى بولغان. چېخ جۇمھۇرىيىتى بىلەنمۇ بۇ ھەقتە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ بۇ سېسىتىمىنى 2012 - يىلىغىچە پۈتتۈرۈپ بولۇش پىلان قىلىنغان ئىدى.
ئەمما، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقىنى پىلانىنىڭ ئەسلى نىشانىنىڭ رۇسىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا ئىزچىل ھالدا قارشى چىقىپ كەلگەن. ئىككى دۆلەت ئارىسىىدىكى سوغۇقچىلىققىمۇ مانا بۇ قالقان سېستىمىسى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋرۇپادا قالقان سېسىتىمىسى قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قاراردىن رۇسىيىنىڭ ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، بۇنىڭ رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.