ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقى يامغۇرلۇق بوران ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرى ئاتلانتىك ئوكياندىن باشلانغان «ئائىرىن» دەپ ئاتالغان دېڭىز يامغۇرلۇق بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئاساسلىقى شىمالىي كارولىنا، مەرىيلەند، ۋىرگىنىيە، نېۋ جېرسېي، دېلۋەر شتاتلىرى قاتتىق زەربىگە يولۇققان ھەمدە يەكشەنبە كۈنى نيۇيورك شەھىرى يامغۇرلۇق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن.

شەنبە كۈنى قاتتىق بورانلىق يامغۇر شىمالىي كارولىنا شتاتى تەۋەسىگە كىرىپ، سائىتىگە 140 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن شىمالىي تەرەپلەرگە كېڭەيگەن.

يامغۇرلۇق بوراننىڭ ھۇجۇمىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئالغان بولۇپ، شەرقىي قىرغاقتىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر كۆچۈرۈلگەن ۋە قاتناشلار توختىتىلغان.

شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان مەزكۇر تەبىئىي ئاپەتتە 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن تاشقىرى يەنە خېلى كۆپ ساندا ئۆيلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىن جايلار دېڭىز تاشقىنلىرىنىڭ زەربىسىگە دۇچ كەلگەن.

بەزى رايونلاردا دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ، ئېلېكتر سىملىرى ئۈزۈلۈپ، بىر قانچە يۈز مىڭ كىشى توكسىز قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە شەرقىي قىرغاقتتىكى ئىككى مىليون شىركەتنىڭ توك بىلەن تەمىنلىنىشى ئۈزۈلۈپ قالغان.