ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ سىنگاپور، فىلىپپىن ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ بىر دېڭىز ئارمىيە ئەمەلدارى شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ سىنگاپورغا بىر نەچچە ئۇرۇش پاراخوتىنى جايلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا فىلىپپىن ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى جوناسان گرىنېرت ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە يازغان بىر پارچە ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى خىتاينى نىشان قىلغانلىقىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويمىغان.

ھالبۇكى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئۆتكەن ئايدا ئاۋسترالىيىدە ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ 21 - ئەسىرىدىمۇ دۇنياۋى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن.