ئامېرىكا خىتاي ئىشلار كومىتېتىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتى جۈمە كۈنى يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتايدىكى مۇساپىرلار مەسىلىسىگە بولغان پىكىرىنى ئالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.05.01

"خىتايدا مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى" دېگەن تېمىدىكى يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا ياشاۋاتقان شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ تەقدىرى، خىتاينىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، مۇساپىرلار سىياسىتى، خىتاينىڭ خەلقئارا مۇساپىرلارنى قوغداش ئەھدىنامىلىرىنى ئىجىرا قىلىش ئەھۋالى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مۇساپىرلىرىغا قاراتقان سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى.

يىغىندا ئامېرىكا جورجى تاۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇئاۋىن پروفېسسورى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى شون روبېرت پىكىر بايان قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە، خىتاينىڭ چەتئەلدە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

شون روبېرت ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە 3 ‏ - دۇنيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر سەرگەردانلىرىنى "ياردەمگە ئەڭ مۇھتاج مۇساپىرلار توپى،" دەپ قارايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا باش پاناھ بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.