ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاي باشلىق 13 دۆلەتنى دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

كومىتېت دوكلاتىدا خىتايدىكى دىنىي ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالىنىڭ بۇلتۇرقىدىنمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ بۇ يىلمۇ سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېسىمغا ئۇچرايدىغان دۆلەتلەر بۇلتۇرقى 8 دۆلەتتىن 13 دۆلەتكە ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇلار خىتاي، بېرما، ئېرىتېرىيا، ئىران، شىمالىي كورىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، ئۆزبېكىستان، ئىراق، نىگېرىيە، پاكىستان، تۈركمەنىستان، ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.

دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ 13 دۆلەتكە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇستەقىل ئورگان بولۇپ، 1998 - يىلى قۇرۇلغان بۇ كومىتېت دۇنيا مىقياسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەر يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ كەلمەكتە.