خىتاي بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلق پۇلنىڭ ئابروتتىكى قىممىتى ھەققىدىكى قارارىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

روستېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ خىتاي پۇلىننىڭ ئابروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى ھەققىدىكى قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھەرگىزمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ ئابروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى ھەققىدىكى تەھدىتىنىڭ 'قۇربانى' بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي تەكلىپنى قوبۇل قىلماي، ئامېرىكا خىتاي ماللىرىدىن ئاشۇرۇپ باج ئېلىشنى يولغا قويسا، بۇنداق بېسىم ئالدىدىمۇ ھەرگىز تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ ھەقتە ئىككى پارتىيە بىرلىكتە خىتاي پۇلىنىڭ ئابروتتىكى قىممىتى ھەققىدە بىر قارار ماقۇللىغان ئىدى.

بۇ يىغىندا، خىتاي پۇلىنىڭ ئابروتتىكى قىممىتى تېز ئۆسۈۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى تونۇشتۇرۇلغان، شۇنداقلا، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوند جەمىيىتىنىڭ دىرېكتورى دومىنىك ستراۋسكان خىتاي پۇلىنىڭ ئابروتتىكى قىممىتىگە بولغان مۆلچەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.