'مۇھەببەتنىڭ10 شەرتى' ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قويۇلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئۆزىنىڭ ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلىقى ۋە رابىيە خانىمنىڭ بۇ كۆرەشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم -- 'مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى' بۈگۈن كەچ سائەت 4 تە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىتابخانىسىنىڭ مۇستەقىللىق كوچىسىدىكى پىكفورد تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ پائالىيەتنى ئامېرىكا دېموكراتىيە فوند جەمئىيىتى بىلەن توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيۇشتۇردى. بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جەمىس مىكگوۋېرن قاتارلىق ئەربابلار ۋە رابىيە قادىر ئۆزى قاتناشتى.