ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى فرانك ۋولف مۇنداق دېگەن: "بىز خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە زور نەتىجە قازانغانلىقىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز."
فرانك ۋولف يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەككەپ ئېلىكترونىك تور ئەسۋابلىرىنى ۋە تور ساقچىلىرىنى قوللىنىپ، ئۆز خەلقىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۆكتىچىلەرنى شەپقەتسىز باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ مەھبۇسلارنى ئەمگەككە سېلىش تۈزۈمىنى تەنقىدلىگەن.
ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموجنا ئىدارىسى خەلقئارا ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى پالمېر يىغىندا ئىسپات بېرىپ، "مەزكۇر ئىدارىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسى خىتايدا مەھبۇسلارنى تۈرمە ئەمگىكىگە سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك 13 دېلونى ئىگىلىگەنلىكى"نى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى مەھبۇسلار ھوقۇقى تەشكىلاتى - لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خوڭدا خىتاي خەلقىنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقى تارتىۋېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يىغىندا خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى يېتەكچىسى ۋېي جىڭشىڭ ئىسپات بېرىپ، 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك يىغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.