ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما سۆزىدە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپلا قالماي، بەلكى ئىراق، ئافغانىستان، لىۋىيە مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما سۆزىدە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى ھازىر ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك مۇستەھكەم، بۇ ئىككى دۆلەت ئىراقتا قىلىدىغان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولدى، ئافغانىستاندا تالىبان ھەرىكىتىنى يىمىرىپ تاشلىدى، ئەمدى لىۋىيىدە خەلق تولۇق قوغدالمىغىچە مۇستەبىتلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەت يەنە بىرلىكتە دۇنياۋى ئىشلاردا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ دەپ جاكارلىدى.
پرېزىدېنت ئوباما بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرىدە، ھازىر لوندوندىن پارىژغا بېرىپ، 8 چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ فرانسىيىدە ئۆتكۈزىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.