فىلىپىننىڭ ئامېرىكىدىن ئۆز دۆلىتىدە تېخىمۇ كۆپ قوشۇن تۇرغۇزۇشىنى تەلەپ قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەۋە مەتبۇئاتلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ،«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى فىلىپپىن ‘غا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشقا چاقىرغان.
فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى بۇ يىل 3 - ئايلاردا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ بىر قىسمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭغا 500 كىشىلىك قوشۇنىنى، ئايروپىلان ۋە پاراخوتلىرىنى، فىلىپپىن تەرەپ 1000 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جېدىلى بۇ رايون ۋەزىيىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. رايوندىكى ۋېتنام، فىللىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى. خىتاي بولسا، جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرماقتا.