ئامېرىكا فىلىپپىننى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىللاري كلىنتون پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئەگەر فىلىپپىن تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى قوغدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىلىپپىن تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ، سپراتىل ئارىلىدىكى فىلىپپىن تەۋەلىكىگە قانۇنسىز ھالدا 9 قېتىم بېسىپ كىرگەن. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدىكى مەزكۇر تەۋەلىككە ئائىت تېررىتورىيە ماجىراسى قايتا باش كۆتۈرگەن؛ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي تەرەپ، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىنى مەسىلىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

ھىللاري كلىنتون تۈنۈگۈن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبېرت روزارىيو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا پەيدا بولغان جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كلىنتون خانىم يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان فىلىپپىن بىلەن 1951 ‏-يىلى تۈزۈلگەن ھەربىي ھەمكارلىق ئەھدىنامىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتىدا، فىلىپپىن كىچىك بىر دۆلەت بولسىمۇ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ھەرىكەت ئۈچۈن تەييارلىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چۈ شىڭ بۈگۈن خىتاينىڭ ھېچ بىر دۆلەتكە تاجاۋۇزلۇق ئۈچۈن ئەسكەر يوللىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىللاري كلىنتوننىڭ باياناتىنى « پۈتۈنلەي ئاساسسىز سۆزلەر» دېدى.