ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرى فىلىپپىنلىق بېلىقچىلارنى قۇتقۇزۇۋالدى

24-ئۆكتەبىر جەنۇبىي دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى فىلىپپىنلىق بەش بېلىقچىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

مانىلاردا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مەزكۇر فىلىپپىنلىق بېلىقچىلارنىڭ كېمىسى ۋەقەگە ئۇچراپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇچقۇچىلىرى بۇلارنى بايقىۋالغان.

ۋەقە ئوچۇق دېڭىزدا يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەگە ئۇچرىغان كېمىگە يېقىن جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكىنىڭ «مېككامبېلل» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى مەزكۇر بېلىقچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىككى كېمە ئەۋەتكەن. بېلىقچىلارنىڭ ھەممىسى ساق-سالامەت قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللانغان بۇ قوغلىغۇچى پاراخوت ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى جەنۇبىي دېڭىزغا كىرگەن «USS George Washington» تىپلىق ئاۋىئاماتكىنىڭ زەربە بېرىش ئەترىتىگە تەۋە ئىكەن.

جەنۇبىي دېڭىزغا تۇتىشىدىغان ۋيېتنام، فىلىپپىن ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ئانى تېپىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتايغا كۈچ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ گىگانت ئۇچاقكېمىسى-«گېئورگى ۋاشىنگتون» نى جەنۇبىي دېڭىزغا ئەۋەتكەن ئىدى.