ئامېرىكا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا دائىرىلىرى گېرمانىيىدىن گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسىمىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، 3 - ماي يەكشەنبە گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى دەلىللىگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى تەلەپنامىنى گېرمانىيە دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى دەلىللىگەن گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، مەزكۇر تەلەپنامىدە، تۇتقۇنلارنىڭ ئىسمى ۋە ئۇلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتچى گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىك دائىرلىرىنىڭ 4 - ماي دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر تەلەپنامىگە قاراپ چىقىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدىن 10 نەپەر گۋەنتانامو ئۇيغۇرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرنى رەت قىلغان.

بەزى تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گېرمانىيىگە قوبۇل قىلىنىشى پىلانلانغان بۇ ئۇيغۇرلار، باۋارىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ميۇنخېن شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.