ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىكى گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلار ھەققىدە ئوباماغا دوكلات يوللىدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىكى گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلار ھەققىدە ئوباماغا يوللىغان دوكلاتىدا، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە مەھبۇسلارغا قىلىنغان مۇئامىلە جەنۋە كېلىشىمىنىڭ ئىنسانپەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، دەپ جاكالانغان.

بۇ دوكلاتتا يەنە، گۇەنتانامو تۈرمىسى ھەربىي بازىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ گەرچە ئامېرىكا تېرىتورىسى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئامېرىكا قانۇنىدىكى تۇپراق دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا سوتلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ ھۆكۈم چىقىرىشى بىر قېيىن مەسىلە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنداقلا، ھازىر گۇەنتانامودا تۇرۇپ تۇرۇلىۋاتقان 250 مەھبۇسنىڭ ئىچىدە، خىتاي پۇقراسى بولغان 17 ئۇيغۇرنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ يامان مۇئامىلىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى تەكرار تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ گېنېرال ئادۋىكاتى ئېرىك خولدېر تۈنۈگۈن فېدىرال تەكشۈرۈشگۈچىسى ماتېۋ ئولسېنغا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن گۇنتانامودىكى مەھبۇسلارنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشنى، ئۇلارنى نەگە ئەۋەتىش ھەققىدە تەكلىپ قويۇشنى تاپشۇرغان ئىدى.