ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ھەر ساھە زاتلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغان بۇ 30 يىلدىن بۇيان، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ پۇقرالار ئارىسىدا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىشى ھەم بۇ جەريانىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەر ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ بار بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلۈشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار قىسمەتلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.