ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يىللىق دۆلەت مۇداپىئە سېلىنمىسى ئۇچۇن 534 مىليارد دوللار تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى 2010 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە سېلىنمىسى ئۇچۇن 534 مىليارد دوللار تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس، مەزكۇر خامچوتنىڭ تەستىقتىن ئۆتىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

روبېرت گېيتىس بۇ سۆزلەرنى 3 - ماي يەكشەنبە كۈنى، ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۇ يىل 1 - ئۆكتەبىردىن باشلىنىدىغان 2010 - يىللىق دۆلەت خامچوتىدىن 534 مىليارد دوللار ھەربىي سېلىنما ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلغان.

گەرچە بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى روبېرت گېيتىسنىڭ مەزكۇر خام چوت لايىھىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما لايىھە ئاقساراي ۋە پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسىيلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، تەھلىلچىلەر مەزكۇر لايىھە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سېتىۋېلىش مېخانىزىمىدا زور ئۆزگىرىش ياسايدۇ دەپ قاراشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.