روبېرت گېيتىس بۇ سۆزلەرنى 3 - ماي يەكشەنبە كۈنى، ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۇ يىل 1 - ئۆكتەبىردىن باشلىنىدىغان 2010 - يىللىق دۆلەت خامچوتىدىن 534 مىليارد دوللار ھەربىي سېلىنما ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلغان.
گەرچە بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى روبېرت گېيتىسنىڭ مەزكۇر خام چوت لايىھىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما لايىھە ئاقساراي ۋە پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسىيلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، تەھلىلچىلەر مەزكۇر لايىھە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سېتىۋېلىش مېخانىزىمىدا زور ئۆزگىرىش ياسايدۇ دەپ قاراشماقتا.