لېكىن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ئەمەلدارى ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي ئالاقىسىنىڭ " مۇشەققەتلىك بىر دەۋردە" تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي 2008 - يىلى 10 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 5.6 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراق سېتىپ بېرىش قارارىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي سۆھبەتنى توڭلاتقان ئىدى.
جۈمە كۈنكى سۆھبەت خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، سۆھبەت ئامېرىكا مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دەيۋىد سېدنىي بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چيەن لىخۇئا ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. چيەن لىخۇئا شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " جۇڭگو - ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋىتى يەنىلا مۇشەققەتلىك بىر دەۋردە تۇرىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەربىي ئالاقىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشتا كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى كۈتىمىز،"دېگەن.
چيەن لىخۇئا ئامېرىكىنىڭ قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىشىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا تەيۋەنگە سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغان 5. 6 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراقنىڭ بىر قىسىمى ئامېرىكىنىڭ "ئاپاچى" بەلگىلىك تىك ئۇچار ۋە " ۋەتەنپەرۋەر" ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. ئامېرىكا بولسا خىتاي ھەربىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارە ئەمەسلىكى، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات نىيىتى كىشىنى گۇمانغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.