خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2012.06.04
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن مۇلاھىزىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە مۆتىدىل ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن روبىرو دوقۇرۇشۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئىستراتېگىيىسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئامېرىكا-خىتاي مەنپەئەتلىرى ئەڭ كۆپ كېسىشىدىغان رايون. بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندا ئىجابىي رول ئوينىشىنى قارشى ئالىمىز. بىز يەنە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.
ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سىرتىغا كېڭىيىشىتىن چەكلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.