شۇ كۈنى سەھەردە يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا، تۈركىيە دوستلۇق بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئانەندەل رايونىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ زالىدا ئوقۇلغان روزى ھېيت نامىزىغا قاتناشتى.
نامازدىن كېيىن بىر-بىرى بىلەن سالاملىشىپ ھېيتىنى مۇبارەكلەشكەن ئۇيغۇرلار ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىللە بولدى ھەمدە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئائىلىسىدە مۇسىبەت بولغانلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىمنىڭ، پېشقەدەملەرنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەشكە تارقالدى. بىر قىسىم كىشىلەر، ۋېرجىنىيادىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، ۋاپات بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشتى.
ئامېرىكىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى، جۈملىدىن سانفرانسىسكو، لوس ئانجىلىس قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.