ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا زىيارىتى ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىلغان.
ئوباما ھىندىستان زىيارىتىنى 2008 - يىلىدىكى بومباي تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنى ئەسلەش بىلەن باشلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ۋە رەپىقىسى ھىندىستانغا چۈشۈپلا، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بومباي شەھىرىدىكى "تاج ماخال ئوردىسى" مېھمانخانىسىغا كەلگەن.
مەزكۇر مېھمانخانا 2008 - يىلىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە ھۇجۇمدا 168 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوباما بومبايدا يەنە ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ماخاتما گەندىنىڭ تۇرالغۇسىنى زىيارەت قىلىدىكەن.
ئوباما يەنە، بىر قىسىم ئامېرىكا سودىگەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كارخانىچىلارغا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
ئوباما پەيشەنبە كۈنى بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، "بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى - ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئاسىيادا بازار ئېچىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. شۇنداق بولغاندا بىز ئاسىيادا تىز كۆتۈرۈلۈۋاتقان بازارلاردا ماللىرىمىزنى ساتالايمىز،" دېگەن.
ئوباما يەكشەنبە كۈنى، يېڭى دېھلىگە يېتىپ بارىدۇ. دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ھىندىستان پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
