ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى يادرو دۆلىتى يېقىندا ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ۋاشىنگتوندىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ھنىدىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى يادرو دۆلىتى ئۆز - ئارا ھەربىي مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ھازىر مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئەمەلىي جەڭ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.10.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى لىتىنانت گېنېرال بەنجامىن مىكسېننىڭ ئېيتىشىچە، 12‏ - ئۆكتەبىردىن 29 ‏ - ئۆكتەبىرگىچە يېڭى دېھلىنىڭ جەنۇبىدىكى بابىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرغا، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي جەڭگە كىرىدىغان قىسىملىرى يېڭى تىپلىق ھۇجۇمچى برونىۋىكلىرى بىلەن قاتنىشىدىكەن.

سوۋېت ئىتتپاقى گۇمران بولۇشتىن بۇرۇن، ھىندىستان بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا يېقىن ھەربىي مۇناسۋەت بار ئىدى. ئەمما ھازىر ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىنتايىن چوڭقۇر ھەربىي مۇناسىۋىتى بار. ھازىر ھىندىستان يەنە پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا تىرىشماقتا.
 
گېنېرال مىكسېننىڭ ئېيتىشىچە يەنە، ئامېرىكا مۇشۇ ئەسر ئىچىدە، تىنچ ئوكياندا ھىندىستان، ھىندونېزىيە ۋە خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كۆزىتىپ تۇرىدىكەن.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.