ئۇ بۇ سۆزلەرنى كېڭەش پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شۆبە كومىتېتىدىكى سۆزىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىللىقى يەر شارى ئىقتىسادى، ھاۋا كىلىماتى ۋە كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولغانلىقىنى، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە كارخانا سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە يەنىلا ئىختىلاپ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇ يەككە - يىگانە مەسىلە بولماي ئىقتىسادى، ئىستىراتېگىيە ۋە ھەربىي ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك رامكا ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرىغا ھەمراھ بولۇپ، خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە قاتناشقانلىقىنى، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەسكىن تالاش - تارتىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، تالا - تارتىش تېمىسى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىۋى گۇرۇھلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، بەزى ئالاھىدە دىلولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم ۋەبب Google ۋەقەسى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە خىتاينىڭ كامبودژاغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىك ۋەقەسى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
