2011-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىدا يۈكسىلىش بولىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارالماقتا

ئامېرىكا ئىقتىسادى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئارقىغا قاراپ چېكىنىشتىن توختىغاندىن بۇيان، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2.6% ئاشقان.

ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پۇل قىممىتىنى تەڭشەش سىياسىتى ۋە باج كېمەيتىش تەدبىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىش سۈرىتىدە 2011 ‏-يىلى يەنىمۇ ئىلگىرىلەش بولىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى بىر ئىقتىسادىي مەسلىھەت شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى 3 پەسىلدە ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، ئەمدىلىكتە يەنى 4 ‏-پەسىلدە بولسا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3.2%ge يېتىپ، رەسمىي جانلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر شىركەتنىڭ باشلىقى بوناد پومېر، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 2011 ‏-يىلدىمۇ بۇ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توختاتمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تونۇلغان ئىقتىسادشۇناسلاردىن جەي بارسون، جەي فېلدمەن قاتارلىقلارمۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىدا ئۈمىدلىنەرلىك نۇقتا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچ مەبەسىنىڭ كەڭلىكىدە، دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى يالغۇز ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئىتى مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ دۇنيادىكى سىياسىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى سەۋەبلىك دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى قاتارلىق خەلقاراۋىي زور مەسىلىلەرنىڭمۇ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ge يېتىپ، رەسمىي جانلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.