ئامېرىكا ئىراننىڭ ساھىبخانلىقىدىكى سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە تېھران يىغىنىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا پەيشەنبە كۈنى تېھراندا چاقىرىلغان سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە 29 دۆلەت يىغىنىنى تەنقىدلەپ، بۇ يىغىنغا باشار ئەسەدنى قوللاپ، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنى قىرغىن قىلىشىغا ياردەم قىلىۋاتقان ئىراننىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.08.10

پەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان يىغىنغا رۇسىيە، خىتاي، ئىراق، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەر تەكلىپ قىلىنىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى تەكلىپ قىلىنمىغان ئىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى جەي كارنېي پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئىراننىڭ باشار ئەسەدنى قوللاپ، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنى قەتلى قىلىشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن پاكىتلار بار، دېگەن.

لېكىن ئىران، مەزكۇر يىغىن ئارقىلىق سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھلار ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى ئەكبەر سالېھى يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارغا تەكىتلەپ: ئۆكتىچىلەرنىڭ زور بىر قىسمى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تېھراندا شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، دەپ كۆرسەتكەن.

بىراق تېھران يىغىنىغا قاتناشمىغان ئۆكتىچىلەر ھازىرغا قەدەر سالېھىنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىمىغان.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇزان رايىس تۈنۈگۈن ئىراننى تەنقىدلەپ، ئىراننىڭ سۈرىيە توقۇنۇشىدا «سەلبىي رول» ئويناۋاتقانلىقى، بىراق «ۋەزىيەت ئۆكتىچىلەرنىڭ پايدىسىغا ئۆزگىرىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.