جوش فاتال ۋە شانە بائۇئېر ئىسىملىك مەزكۇر ئىككى ئامېرىكىلىق يەكشەنبە كۈنى نىيوركتىكى كېننېدى ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن.
بۇ ئىككى كىشى 2009-يىلى، 7-ئايدا ئىراق-ئىران چېگراسىدا خاتا ھالدا ئىران تەرەپكە كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان ئىدى.