ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن باغداتقا يۈرۈپ كەتتى

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن باغداتقا كەتتى. ئۇ بۇ قېتىمقى باغدات سەپىرىدە ئىراقنىڭ پرېزىدېنتى جالال تالىبانى ۋە باش مىنىستىرى نۇرى ئەل - مالىكى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، جو بايدىن بۇ ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش نىيىتىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.07.02

ئامېرىكا 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كېچىدىن ئىتىبارەن ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى شەھەرلەردىن چېكىنىپ چىقىپ بولغاندىن كېيىنكى ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار يەنە ئامېرىكىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئىشلىرىنىڭ تېنچ - ئامان ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.