ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9 يىل جەريانىدا 4500 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇرۇش پارتلىغان 2003 - يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى قوشۇنلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 170مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي خادىمى ئىراقتىكى 500 دىن ئارتۇق بازىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئەمما، ئامېرىكا ئىراقتىن چېكىنگەن شەنبە كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ يەردە 3000 نەپەر ھەربىي خادىم قالغان ئىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن ئايرىلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشىنى مۇراسىم بىلەن قارشى ئالغان ھەمدە ئۇلارغا يۇقىرى باھا بەرگەن شۇنىڭدەك ئۇ يەنە ئىراقنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئىراق خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر باغدادتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 200 نەچچە نەپەر ھەربىي خادىم قالدۇرۇلغان.