ئامېرىكا ئىراقتىكى ئاخىرقى ئۇرۇش بېرىگادىسىنى چېكىندۈردى

ئامېرىكا ئىراقتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى بېرىگادىسىنى چېكىندۈردى. بۇ ئەسلىدىكى بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئەمەلىيلەشتى. 40 مىڭ ئەسكەر ۋە قوماندانلاردىن تەركىب تاپقان بېرىگادا يېرىم كېچىدىن ئېتىبارەن يولغا چىقىپ، كۇۋەيتكە يېتىپ كەلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قىسىملارنىڭ چېكىنىپ چىقىش سەپىرى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلانغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە ئىراقتىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئاياقلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەيدىكەن. ئىراقتا قېپقالغان 50 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىراقتا خەۋپسىزلىكنى قوغداش، ئىراق ئەسكەرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى قىلىدىكەن. بۇ ئەسكەرلەر ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ۋە ياكى ئىراق دائىرىلىرىنىڭ ئالاھىدە بۇيرۇقى بولغاندىلا ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتىدىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئىراقتىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى ئەمەلگە ئاشۇرغان تۇنجى ۋەدىسى دەپ قارالماقتا.