ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 2009 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى

5 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا دائىرىلىرى ئېلان قىلغان يېڭى خىزمەت دوكلاتىغا قارىغاندا ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 2009 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.


ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا ئىقتىسادى 114 مىڭ يېڭى خىزمەت پۇرسىتى ياراتقان. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 8 - ئايدىكى 8.1 پىرسەنتتىن 7.8 كە چۈشكەن.

ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئامېرىكا پايچەك بازىرىدىمۇ ئۆسۈش كۆرۈندى.

ئىشسىزلىق نىسبىتىدىكى بۇ يېڭى تۆۋەنلەش ئامېرىكا ئىقتىسادىدا مۇقىم يۈكسىلىش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.