ئامېرىكىدا «ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» ناملىق كۆرگەزمە داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى دۆلەتلىك جۇغراپىيە مۇزىيى، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، «1001 كەشپىيات: ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» ناملىق كۆرگەزمە ئاچقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ كۆرگەزمە ئامېرىكا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.

مۇزېينىڭ توربېتىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆرگەزمىخانىدا 7 - ئەسىردىن 17 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيىدىن خىتايغىچە بولغان جۇغراپىيىدە بەرپا قىلغان مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى، كەشپىياتلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. كېلەر يىلى 1 - فىۋرالغىچە جەمئىي 6 ئاي داۋام قىلىدىغان بۇ كۆرگەزمە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىشى ۋە ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇسۇلمان ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكلىرىنى تونۇشىغىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.