ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كرىزىسى ئاسىيا پايچېكى بازىرىنى زور زەربىگە ئۇچراتماقتا

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى كرىزىسقا قارشى700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن ھەمدە بۈگۈن خەلقارا پايچەك بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا بولدى.

بۈگۈن، بولۇپمۇ ئاسىيا بازىرىدا زور تۆۋەنلەش يۈز بەرگەن بولۇپ، كيوتو پايچېكى بازىرىدا دۈشەنبە كۈنىگە قارىغاندا %4 تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. بۇ، مەزكۇر پايچەك بازىرىنىڭ تارىخىدىكى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور تۆۋەنلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەيۋەن پايچەك بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ %3.5 كە يەتكەن.

ئىقتىسادشۇناسلار ئامېرىكا ئىقتىسادى كرىزىسىنىڭ ئاسىياغا تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتە خوڭكوڭدىكى ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور مايۆنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، " ئاسىيانىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت بازىرى ئامېرىكىنى ئاساس قىلغان.

ئەگەردە ئامېرىكىنىڭ پايچەك بازىرىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلسە، ئىقتىسادىدىمۇ چېكىنىش كۆرۈلىدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا بازىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسىيا ئىقتىسادى زور زەربىگە ئۇچرىشى مۇقەررەر."

مايۆنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە بازىرىدىكى كىرزىس خىتايغا بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئېلىپ كەلگەن تەسىرىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىشى تەسكە توختايدۇ.