ئامېرىكا، كامبودژانىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن (يەكشەنبە كۈنى) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گوردېن دۇگىت كامبودىيىنىڭ سىياسىي پانالىق تېلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا، 'ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 22 ئۇيغۇر كامبودىيىگە كېلىپ، ب د ت دىن سىياسىي پانالىق تېلەپ ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى بايان قىلىۋاتقاندا، كامبودىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىنىڭ خىزمىتىگە دەخل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. كامبودىيىە بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ۋە خەلقئارا كىملىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنى، ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان كامبودىيىنى 'خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى' دەپ جاكارلىدى.

بۈگۈن س ن ن تېلېۋىزىيە ستانسىسى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويترس ئاگېنتلىقى قاتارلىق باشقا چوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ، خىتايدىن قېچىپ كامبودىيىگە كېلىپ، خەلقئارا قانۇن بۇيىچە ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىدىن سىياسىي پانالىق تېلىگەن ئۇيغۇرلارنى، كامبودىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ خىتايغا قايتۇرغانلىقىنىڭ جەريانى ۋە بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارادا كېلىپ چىقىۋاتقان ئەيىبلەشلەر، قارشىلىقلار ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر ئېلان قىلدى.