ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي مانېۋىر خىتاينى قاتتىق چۆچۈتمەكتە

خىتاي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنى سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقان ھەربىي مانېۋىردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە: "خىتاي ھەرقانداق بىر دۆلەت ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ سېرىق دېڭىز ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ باشقا دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ" دېگەن.

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت، شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋېتىپ 46 ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغاندىن كېيىن، مارت ئېيىدا سېرىق دېڭىزدا بىرلەشمە ئۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى تېخى ئېلان قىلمىدى. خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بولسا ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا قارشى ئۆزىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى 6 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىۋەتتى.