بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ "خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى گېزىتى" بۈگۈنكى باش ماقالىسىدە " خىتاي ھەرقانداق بىر باشقا دۆلەت پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەيىمىزگە يېقىن جايلاردا ھەرىكەت قىلىشىغا قارشى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىق" دېگەن.
باش ماقالىدە يەنە "ئەگەر بىر كىم بىزگە زىيان يەتكۈزمىسە، بىزمۇ زىيان يەتكۈزمەيمىز. كىمكى بىزگە زىيان يەتكۈزىدىكەن، بىزمۇ ئۇنىڭغا زىيان بېرىمىز" دېگەندەك تەھدىت ئىبارىلىرىمۇ ئىشلىتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا ۋە كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدىكى ھەربىي مانېۋىرىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان جورج ۋاشىنگتون ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېنچ ئوكياندىكى قۇدرىتىنىڭ سىمۋولى بولۇشى ۋە ئۇنىڭدىكى ف - 18 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بېيجىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرۈش ئېھتىماللىقى خىتاينى قاتتىق تېرىكتۈرمەكتە ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ جەنۇبىي كورىيە بىلەن سېرىق دېڭىزدا ۋە شۇنداقلا ۋېيتنام بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولغان جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا توختىشى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كەيپىياتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. بۇ سەۋەبلىك يېقىندا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولماقچى بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈنمەكتە.
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بارىدىغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئېنىق ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.