رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى خىتاي دېڭىز ئارمىيە مايور گېنېرالى، بېيجىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى ياڭ يى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ قېتىملىق مانېۋىر ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان شۇ خىلدىكى مانېۋىرلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مانېۋىرغا "ئۇلچى ئەركىنلىك قوغدىغۇچىسى" دەپ نام بېرىلگەن.
جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق قوماندانلىق شتابى دۈشەنبە كۈنى، مانېۋىرنىڭ 11 كۈن داۋام قىلىدىغانلىقىنى، مانېۋىرغا جەنۇبىي كورىيە 56 مىڭ، ئامېرىكا 30 مىڭ ئەسكەر قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىر پۈتۈنلەي كومپيۇتېرلاشقان بولۇپ، قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ياڭ يېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىمۇ شۇ خىلدىكى بىر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشقان ئىكەن. ياڭ يى مۇنداق دېگەن: "ئامېرىكا سېرىق دېڭىزغا كىردى. خىتاينىڭ بۇنى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ توسۇپ قېلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ. بۇ، ھەربىي توقۇنۇش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن ئاقىلانىلىك ئەمەس."
ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى سېرىق دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.