ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى شىمالى كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى

ئامېرىكىنىڭ كىچىك تىپتىكى ۋەيران قىلغۇچى ئۇرۇش پاراخوتلىرى شىمالى كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئامېرىكا پاراخوتلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئىز قوغلاپ ئەگىشىش ۋە توسۇپ قېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-03-30
Share

شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى كېلەر ئاينىڭ بېشىدا بىر ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىسىنى ئوربىتىغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبى كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، ئەمەلىيەتتە شىمالى كورىيىنىڭ شۇ باھانىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارماقچى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋەيران قىلغۇچى جون مېككېيىن ناملىق ھەربىي پاراخوتى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە جەنۇبى كورىيىنىڭ بۇسان پورتىدىن يولغا چىققان بولۇپ، ۋەيران قىلغۇچى شەفى ناملىق ھەربىي پاراخوت شۇ كۈنى كەچقۇرۇن يولغا چىققان. ئەمما ھەربىي دائىرىلەر مەزكۇر پاراخوتلارنىڭ مەنزىلىنى ئاشكارىلىمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرىمۇ ئىلغار رادارلار بىلەن قوراللانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇغۇچى ئىككى ھەربىي پاراخوتىنى ئۆزىنىڭ جەنۇبى دېڭىز تەۋەسىگە يۆتكىگەن.

 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت