ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بايانات بېرىپ، ئۇچۇرۇشۇشنىڭ شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۇچرىشىشقا كازافىينىڭ 4 نەپەر غوللۇق ئەزاسىمۇ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئەمەلدارى ئۆز بايانىدا يەنە، بۇ ئۇچۇرۇشۇشنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت بولماستىن بەلكى كازافىينىڭ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇزاكىرە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لىۋىيىدە كازافىي ھۆكۈمىتى بىلەن لىۋىيىدىكى ئۆكتىچى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كازافىي ئۆز ھوقۇقىنى تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.